2008/05/22

مەن مۇۋەپپەقىيەتكە قانداق يول ئالدىم

ئانتونىي. روبىن شىركىتى مېنى نېمە ئۈچۈن شىركىتىگە قۇبۇل قىلدى؟

مۇۋەپپەقىيەتنىڭ خىلمۇ-خىل ئۇسۇللىرى بار ھەم شۇنداقلا ئۇنىڭدا مۇئەييەن مەخپىيەتلىكمۇ يوقمۇ ئەمەس. ئۆتمۈشلىرىمگە نەزەر سالغىنىمدا مەن بەش-ئالتە ياشقا كىرگەندىلا چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا بەل باغلىغان. ئەمما مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئەسلى مەنىسى نېمە، قانداق قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدۇ؟ دىگەندەك مەسىلىلەردە قىلچىمۇ تونۇشۇم يوق ئىدى.

ئون نەچچە ياشتا ئامېرىكىغا بېرىپ ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىمدا دائىم دىگۈدەك سەھەر سائەت ئىككى-ئۈچلەر بىلەنلا ئورنۇمدىن تۇرىۋېلىپ، خىلمۇ-خىل كىتاب ۋە ژۇرناللاردىن مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ يوللىرى ھەققىدە ئىزدىنەتتىم.

16 يېشىمدا خىزمەت تېپىپ ئىشلەشكە باشلىغاندىن تارتىپ تاكى 21 يېشىمغىچە بولغان 5 يىلدا مال ساتقۇچىلىق دىگەندەك 18 تۈرلۈك ئىشنى قىلىپ بېقىپتىمەن. 17 يېشىمدىن باشلاپ يۇشۇرۇن قابىلىيەتنى ئېچىش، نىشان بەلگىلەش، ۋاقىتنى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش، كىشىلىك مۇناسىۋەت ئىلمى، رەھبەرلىك ئىقتىدارى دىگەندەك دەرسلەرنى ئۆگىنىشكە باشلىدىم.

تۆت-بەش يىل ئۆگىنىش، شۇنداقلا خىلمۇ-خىل كەسپلەردە ئالمىشىپ ئىشلىگەندىن كېيىن 21 يېشىمدا بانكا ئامانەت كارتامدىكى پۇلنىڭ يەنىلا 0 تۇرغانلىقىنى بايقىدىم. شۇنداقلا تولىمۇ ئەجەپلەندىم - ئۆزەمنىڭ شۇنچە كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلىپ، شۇنچە كۆپ نەرسلەرنى تەتقىق قىلىپ، شۇنچە كۆپ دەرسلەرنى ئوقۇپ ئاخىرىدا يەنىلا مۇشۇنداق نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكىمنى زادىلا ئىدىيەمدىن ئۆتكۈزەلمىدىم.

دەل شۇ پەيتتە مېنىڭ ھاياتىمدا يېڭى بىر بۇرۇلۇش نوقتىسى پەيدا بولدى. مەن مېنىڭ تۇنجى ئۇستازىم ئانتونىي.روبىن (Anthony.Robin ) يازغان « چەكسىز يۇشۇرۇن قابىلىيتىڭىزنى ئۇرغىتىڭ » (ئېنگىلىزچە ئىسمى «Unlimited Power»، خەنزۇچە ئىسمى «激发无限的潜力» ) دىگەن كىتابىنى ئوقۇپ قالدىم.

بۇ كىتابنى ئوقۇغاندىن كېيىن، ۋۇجۇدۇم قاتتىق سىلكىندى. چۈنكى يازغۇچى تېخى ئەمدىلا 27 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ، ئەمما دۇنيا بويىچە 2- ئۇرۇندىكى ناتىق بولۇپ، بىر كۈنلۈك نۇتۇقىنىڭ باھاسى 40 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ئەتىراپىدا ئىكەن.

شۇ چاغدا ئەگەر مەنمۇ بىر كۈنلەردا ئاشۇنداق پۇل تاپالىغان بولسام نەقەدەر ياخشى ئىش بولغان بولاتتى-ھە؟! نېمە ئۈچۈن مەنمۇ شۇنداق قىلالمايمەن؟ دىگەن ئوي كاللامدا ئەكس ئېتىپ قالدى. كېيىنچە مەن ئانتونىي.روبىننىڭ دەرسىگە قاتناشتىم. بىر مەزگىل قاتناشقاندىن كېيىن مېنىڭ پۈتۈن تەپەككۈرۈم ۋە كىشىلىك دۇنيا قارىشىمدا غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى.

مەن ئەگەر مۇۋەپپەقىيەت قازىنىمەن دەيدىكەنمەن چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارغا ياردەم بەرگەچ ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىشىم كېرەك،دىگەن چۈشەنچىگە كەلدىم ھەمدە ئۆتۈلىدىغان دەرسلەرنى باشقىلارغا تونۇشتۇرۇش خىزمىتىنى ئىشلىدىم. شۇ بۇ ئىشنى قىلىشقا تىزىملاتقانلار 85 نەپەر ئىدى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن تاللانغىنى پەقەتلا مەن ئىدىم. شۇغىنىسى مەن بىر شەرقلىق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاران 21 ياش بولغاچقا، دائىم كۆڭلۈمدە :« ئەجەپ ئىش، شۇنچە كۆپ ئاقىل-پازىللار، دانىشمەنلەر، شۇنداقلا ياشتا مەندىن چوڭلار تۇرۇپ قۇبۇل قىلىنمىدا؟ » دەپ ئويلايتىم.

كېيىنچە مەن بۇ ئىشنى ئانتونىي. روبىن شىركىتىنىڭ كەسپىي ئىشلارغا مەسئۇل باش دېرىكتورىدىن :« نېمە ئۈچۈن ئەينى ۋاقىتتا پەقەت مىنىلا قۇبۇل قىلغان ئىدىڭ؟ » دەپ سورىغاندا، ئۇ:
__ چۈنكى قارىماققا سىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئىستىكىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە پەقەت سەنلا چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنى قارار قىلدىڭ، باشقىلار بولسا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا قىزىققانلار ئىدى، خالاس_دېدى.

شۇنىڭ بىلەن مەن مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ئەڭ موھىم سىرىنىڭ قەتئىي بەل باغلاش ئىكەنلىكىنى چۈشەندىم. بىر ئادەم بىر ئىشنى چوقۇم قىلىشقا بەل باغلىغاندىلا، ئاندىن شۇ كىشىنىڭ تۈپ مەنىدىكى يوشۇرۇن قابىلىيتى ئۇرغۇپ چىقىدىكەن.

يازغۇچىنى تونۇشتۇرۇش: چېن ئەنجى(陈安之) ھازىرقى زاماندىكى جۇڭگو بويىچە ئەڭ داڭدار مۇۋەپپەقىيەتشۇناس، NAC پىسخولوگى، ئاسىيا بويىچە داڭدار ناتىق بولۇپ، ساناقسىز كىشىلەرنى ئىلھاملاندۇرۇپ، بېقىنما _ بېكىنمە ھالەتنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئارزۇلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەرگەن.

1 ئىنكاس:

خۇدىيارى يازغان ئىنكاس

你好 无意中发现了你的维文版blog,我也刚很想把自己的博克弄成维文的 ,希望得到你的帮助 qq:472774718 Email.ezhar07@gmail.com msn:ezhar07@yahoo.com.cn