2008/07/07

ھەر ۋاقىت ئۈمىدۋار بولۇڭ

ھايات سەپىرىمىزدە ھەرخىل ئوڭۇشسىزلىق، قىيىنچىقىلارغا ئۇچرايمىز. ئۇنىڭدىن قانداق قۇتۇلۇش ھايات مەنتىقىمىزگە باغلىق.مۇنداق بىر مەسەل بار: ئىككى پاقا ئۇزۇقلۇق ئىزدەپ يۈرۈپ ئېھتىياتسىزلىقتىن يول بويىدىكى بىر سۈت چېلىكىگە چۈشۈپ كېتىپتۇ. پاقىلارنىڭ بىرى

«تۈگەشتىم، پۈتۈنلەي تۈگەشتىم، بۇ چېلەكتىن مەڭگۈ چىقىپ كېتەلمەيمەن»، دەپ ئويلاپ، بىردىنلا بوشىشىپ سۈتكە چۆكۈپ كېتىپتۇ. يەنە بىر پاقا بۇ قىسمەتتىن ئۈمىدسىزلەنمەي چېلەكتىن چىقىپ كېتىش ئۈچۈن تىركىشىپ، چېلەك ئىچىدە توختىماي سەكرەپتۇ. ياشاشقا بولغان كۈچلۈك ئىنتىلىش ئۇنىڭ ھەر قېتىملىق تىرىشىشىدا تولۇق نامايان بوپتۇ. بىر چاغدا بۇ پاقا ئايىقى ئاستىدىكى سۈتنىڭ قۇيۇقلىشىپ قالغانلىقىنى سېزىپتۇ. ئەسلىدە ئۇنىڭ توختىماي سەكرىشى نەتىجىسىدە سۈت پىشلاققا ئايلانغانىكەن. توختىماي كۆرەش قىلىش ۋە ئېلىشىش ئاخىر ئۇنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قاپتۇ. پاقا چېلەكتىن سەكرەپ چىقىپ، كۆڭلۈللۈك ماكانى-زۇمرەت كۆلگە قايتىپتۇ.
دىمەك، قىيىنچىلىق ۋە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا مۇستەھكەم ياشاش ئېتىقادى بىلەن توختىماي كۆرەش قىلساقلا ھەم ئۆزىمىزگە «مەن چوقۇم بەرداشلىق بېرىشىم كېرەك» دەپ مەدەت بېرەلىسەكلا، قىيىن ئۆتكەلدىن چوقۇم ئۆتۈپ كېتەلەيمىز. ئەگەر قىيىنچىلىق ۋە ئوڭۇشسىزلىق ئالدىدا تېڭىرقىساق، ئۆزىمىزنى تۈگەشتىم، دەپ قارىساق، چۈشكۈنلۈك ئىچىدە تۈگىشىپ كېتىمىز. شۇڭا ھەر قانداق ئىش، ھەر قانداق شارائىتتا ئۈمىدۋار بولۇپ، ھاياتىمىزنى قىزغىن سۆيۈشىمىز كېرەك.
ئاپتۇرى: غەنى ئەرشىدىن
"شىنجاڭ گېزىتى" ماقالىسى

0 ئىنكاس: