2008/08/01

ئاقسۇ دىيارىمىزدا كۈن تۈتۇلدى

2008-يىل 8-ئاينىڭ 1-كۈنى (جۈمە) رايۇنىمىز-ئاقسۇ شەھرىنىڭ 50 كىلومېتىر كىلىدىغان يۇرتىمىزدا ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 5:04 (شىنجاڭ ۋاقتى) ئۆتكەندە كۈن يېرىم ئاي شەكلىدە [solar eclipse ] تۇتۇلدى. مۇشۇ ۋاقىتتا مەكتىپىمىزدىكى 8 ئوقۇتقۇچى بىر تال كۆزەينەكنى تەڭ تالىشىپ تۇرۇپ بۇ ھادىسىگە ئىشتىراك قىلدۇق. بۇ مەن چوڭ بولغاندىن بېرى تۇنجى قېتىم ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن ھادىسە.
ھېچ ئامال قىلالماي، ئاخىرى شام ئارقىلىق ئەينەكنى ئىسلاپ تۇرۇپ ئاخىرى Sony ماركىلىق رەقەملىك ئاپپاراتتا رەسىمگە تارتىۋالدۇق. كۈن تۇتۇلۇش تەخمىنەن 25~30 مىنۇتلار ئەتىراپىدا داۋاملاشتى.
كۈن تۇتۇلغاندا [solar eclipse ]كۈننىڭ تۇتۇلۇش قىسمى ئاۋال قۇياشنىڭ ئوڭ تەرەپ يوقىرى بۇرجىكىدىن باشلىنىپ، بارا-بارا سول تەرەپ ئاستىنقى تەرەپكە ئۆتتى. كۈن تۇتۇلغاندا ئاسماندا بىر پارچىمۇ بۇلۇت يوق، ئەمما خۇددى قۇياشنى قېلىن بۇلۇت توسۇۋالغاندەك بىر خىل ھالەت يۈز بەردى. مەكتەپتىكى نەچچىلىگەن ئوقۇتقۇچىلار، يۈزلىگەن ئوقۇغۇچىلار بۇ مەنزىرىدىن تولىمۇ ھاياجانلاندۇق.
رەسىملىرىنى يوللاپ قويماقچى ئىدىم. ئەپسۇس ئاپپاراتنىڭ سىمى بولمىغاچ مۇمكىن بولمىدى، يەكشەنبە كۈنى چوقۇم يوللاپ قويىمەن. ئەپۇ قىلغايسىزلەر.
تولۇق ئوقۇش

2008/07/08

مەن مۇۋەپپەقىيەتكە قانداق يول ئالدىم

شۇ چاغدا ئەگەر مەنمۇ بىر كۈنلەردا ئاشۇنداق پۇل تاپالىغان بولسام نەقەدەر ياخشى ئىش بولغان بولاتتى-ھە؟! نېمە ئۈچۈن مەنمۇ شۇنداق قىلالمايمەن؟ دىگەن ئوي كاللامدا ئەكس ئېتىپ قالدى. كېيىنچە مەن ئانتونىي.روبىننىڭ دەرسىگە قاتناشتىم. بىر مەزگىل قاتناشقاندىن كېيىن مېنىڭ پۈتۈن تەپەككۈرۈم ۋە كىشىلىك دۇنيا قارىشىمدا غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى. ئانتونىي. روبىن شىركىتى مېنى نېمە ئۈچۈن شىركىتىگە قۇبۇل قىلدى؟ مۇۋەپپەقىيەتنىڭ خىلمۇ-خىل ئۇسۇللىرى بار ھەم شۇنداقلا ئۇنىڭدا مۇئەييەن مەخپىيەتلىكمۇ يوقمۇ ئەمەس. ئۆتمۈشلىرىمگە نەزەر سالغىنىمدا مەن بەش-ئالتە ياشقا كىرگەندىلا چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا بەل باغلىغان. ئەمما مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئەسلى مەنىسى نېمە، قانداق قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدۇ؟ دىگەندەك مەسىلىلەردە قىلچىمۇ تونۇشۇم يوق ئىدى. ئون نەچچە ياشتا ئامېرىكىغا بېرىپ ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىمدا دائىم دىگۈدەك سەھەر سائەت ئىككى-ئۈچلەر بىلەنلا ئورنۇمدىن تۇرىۋېلىپ، خىلمۇ-خىل كىتاب ۋە ژۇرناللاردىن مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ يوللىرى ھەققىدە ئىزدىنەتتىم. 16 يېشىمدا خىزمەت تېپىپ ئىشلەشكە باشلىغاندىن تارتىپ تاكى 21 يېشىمغىچە بولغان 5 يىلدا مال ساتقۇچىلىق دىگەندەك 18 تۈرلۈك ئىشنى قىلىپ بېقىپتىمەن. 17 يېشىمدىن باشلاپ يۇشۇرۇن قابىلىيەتنى ئېچىش، نىشان بەلگىلەش، ۋاقىتنى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش، كىشىلىك مۇناسىۋەت ئىلمى، رەھبەرلىك ئىقتىدارى دىگەندەك دەرسلەرنى ئۆگىنىشكە باشلىدىم. تۆت-بەش يىل ئۆگىنىش، شۇنداقلا خىلمۇ-خىل كەسپلەردە ئالمىشىپ ئىشلىگەندىن كېيىن 21 يېشىمدا بانكا ئامانەت كارتامدىكى پۇلنىڭ يەنىلا 0 تۇرغانلىقىنى بايقىدىم. شۇنداقلا تولىمۇ ئەجەپلەندىم - ئۆزەمنىڭ شۇنچە كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلىپ، شۇنچە كۆپ نەرسلەرنى تەتقىق قىلىپ، شۇنچە كۆپ دەرسلەرنى ئوقۇپ ئاخىرىدا يەنىلا مۇشۇنداق نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكىمنى زادىلا ئىدىيەمدىن ئۆتكۈزەلمىدىم. دەل شۇ پەيتتە مېنىڭ ھاياتىمدا يېڭى بىر بۇرۇلۇش نوقتىسى پەيدا بولدى. مەن مېنىڭ تۇنجى ئۇستازىم ئانتونىي.روبىن (Anthony.Robin ) يازغان « چەكسىز يۇشۇرۇن قابىلىيتىڭىزنى ئۇرغىتىڭ » (ئېنگىلىزچە ئىسمى «Unlimited Power»، خەنزۇچە ئىسمى «激发无限的潜力» ) دىگەن كىتابىنى ئوقۇپ قالدىم. بۇ كىتابنى ئوقۇغاندىن كېيىن، ۋۇجۇدۇم قاتتىق سىلكىندى. چۈنكى يازغۇچى تېخى ئەمدىلا 27 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ، ئەمما دۇنيا بويىچە 2- ئۇرۇندىكى ناتىق بولۇپ، بىر كۈنلۈك نۇتۇقىنىڭ باھاسى 40 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ئەتىراپىدا ئىكەن. شۇ چاغدا ئەگەر مەنمۇ بىر كۈنلەردا ئاشۇنداق پۇل تاپالىغان بولسام نەقەدەر ياخشى ئىش بولغان بولاتتى-ھە؟! نېمە ئۈچۈن مەنمۇ شۇنداق قىلالمايمەن؟ دىگەن ئوي كاللامدا ئەكس ئېتىپ قالدى. كېيىنچە مەن ئانتونىي.روبىننىڭ دەرسىگە قاتناشتىم. بىر مەزگىل قاتناشقاندىن كېيىن مېنىڭ پۈتۈن تەپەككۈرۈم ۋە كىشىلىك دۇنيا قارىشىمدا غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى. مەن ئەگەر مۇۋەپپەقىيەت قازىنىمەن دەيدىكەنمەن چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارغا ياردەم بەرگەچ ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىشىم كېرەك،دىگەن چۈشەنچىگە كەلدىم ھەمدە ئۆتۈلىدىغان دەرسلەرنى باشقىلارغا تونۇشتۇرۇش خىزمىتىنى ئىشلىدىم. شۇ بۇ ئىشنى قىلىشقا تىزىملاتقانلار 85 نەپەر ئىدى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن تاللانغىنى پەقەتلا مەن ئىدىم. شۇغىنىسى مەن بىر شەرقلىق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاران 21 ياش بولغاچقا، دائىم كۆڭلۈمدە :« ئەجەپ ئىش، شۇنچە كۆپ ئاقىل-پازىللار، دانىشمەنلەر، شۇنداقلا ياشتا مەندىن چوڭلار تۇرۇپ قۇبۇل قىلىنمىدا؟ » دەپ ئويلايتىم. كېيىنچە مەن بۇ ئىشنى ئانتونىي. روبىن شىركىتىنىڭ كەسپىي ئىشلارغا مەسئۇل باش دېرىكتورىدىن :« نېمە ئۈچۈن ئەينى ۋاقىتتا پەقەت مىنىلا قۇبۇل قىلغان ئىدىڭ؟ » دەپ سورىغاندا، ئۇ: __ چۈنكى قارىماققا سىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئىستىكىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە پەقەت سەنلا چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنى قارار قىلدىڭ، باشقىلار بولسا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا قىزىققانلار ئىدى، خالاس_دېدى. شۇنىڭ بىلەن مەن مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ئەڭ موھىم سىرىنىڭ قەتئىي بەل باغلاش ئىكەنلىكىنى چۈشەندىم. بىر ئادەم بىر ئىشنى چوقۇم قىلىشقا بەل باغلىغاندىلا، ئاندىن شۇ كىشىنىڭ تۈپ مەنىدىكى يوشۇرۇن قابىلىيتى ئۇرغۇپ چىقىدىكەن. يازغۇچىنى تونۇشتۇرۇش: چېن ئەنجى(陈安之) ھازىرقى زاماندىكى جۇڭگو بويىچە ئەڭ داڭدار مۇۋەپپەقىيەتشۇناس، NAC پىسخولوگى، ئاسىيا بويىچە داڭدار ناتىق بولۇپ، ساناقسىز كىشىلەرنى ئىلھاملاندۇرۇپ، بېقىنما _ بېكىنمە ھالەتنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئارزۇلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەرگەن. تولۇق ئوقۇش

2008/07/07

ھەر ۋاقىت ئۈمىدۋار بولۇڭ

ھايات سەپىرىمىزدە ھەرخىل ئوڭۇشسىزلىق، قىيىنچىقىلارغا ئۇچرايمىز. ئۇنىڭدىن قانداق قۇتۇلۇش ھايات مەنتىقىمىزگە باغلىق.مۇنداق بىر مەسەل بار: ئىككى پاقا ئۇزۇقلۇق ئىزدەپ يۈرۈپ ئېھتىياتسىزلىقتىن يول بويىدىكى بىر سۈت چېلىكىگە چۈشۈپ كېتىپتۇ. پاقىلارنىڭ بىرى

«تۈگەشتىم، پۈتۈنلەي تۈگەشتىم، بۇ چېلەكتىن مەڭگۈ چىقىپ كېتەلمەيمەن»، دەپ ئويلاپ، بىردىنلا بوشىشىپ سۈتكە چۆكۈپ كېتىپتۇ. يەنە بىر پاقا بۇ قىسمەتتىن ئۈمىدسىزلەنمەي چېلەكتىن چىقىپ كېتىش ئۈچۈن تىركىشىپ، چېلەك ئىچىدە توختىماي سەكرەپتۇ. ياشاشقا بولغان كۈچلۈك ئىنتىلىش ئۇنىڭ ھەر قېتىملىق تىرىشىشىدا تولۇق نامايان بوپتۇ. بىر چاغدا بۇ پاقا ئايىقى ئاستىدىكى سۈتنىڭ قۇيۇقلىشىپ قالغانلىقىنى سېزىپتۇ. ئەسلىدە ئۇنىڭ توختىماي سەكرىشى نەتىجىسىدە سۈت پىشلاققا ئايلانغانىكەن. توختىماي كۆرەش قىلىش ۋە ئېلىشىش ئاخىر ئۇنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قاپتۇ. پاقا چېلەكتىن سەكرەپ چىقىپ، كۆڭلۈللۈك ماكانى-زۇمرەت كۆلگە قايتىپتۇ.
دىمەك، قىيىنچىلىق ۋە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا مۇستەھكەم ياشاش ئېتىقادى بىلەن توختىماي كۆرەش قىلساقلا ھەم ئۆزىمىزگە «مەن چوقۇم بەرداشلىق بېرىشىم كېرەك» دەپ مەدەت بېرەلىسەكلا، قىيىن ئۆتكەلدىن چوقۇم ئۆتۈپ كېتەلەيمىز. ئەگەر قىيىنچىلىق ۋە ئوڭۇشسىزلىق ئالدىدا تېڭىرقىساق، ئۆزىمىزنى تۈگەشتىم، دەپ قارىساق، چۈشكۈنلۈك ئىچىدە تۈگىشىپ كېتىمىز. شۇڭا ھەر قانداق ئىش، ھەر قانداق شارائىتتا ئۈمىدۋار بولۇپ، ھاياتىمىزنى قىزغىن سۆيۈشىمىز كېرەك.
ئاپتۇرى: غەنى ئەرشىدىن
"شىنجاڭ گېزىتى" ماقالىسى
تولۇق ئوقۇش

2008/05/22

مەن مۇۋەپپەقىيەتكە قانداق يول ئالدىم

ئانتونىي. روبىن شىركىتى مېنى نېمە ئۈچۈن شىركىتىگە قۇبۇل قىلدى؟

مۇۋەپپەقىيەتنىڭ خىلمۇ-خىل ئۇسۇللىرى بار ھەم شۇنداقلا ئۇنىڭدا مۇئەييەن مەخپىيەتلىكمۇ يوقمۇ ئەمەس. ئۆتمۈشلىرىمگە نەزەر سالغىنىمدا مەن بەش-ئالتە ياشقا كىرگەندىلا چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا بەل باغلىغان. ئەمما مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئەسلى مەنىسى نېمە، قانداق قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدۇ؟ دىگەندەك مەسىلىلەردە قىلچىمۇ تونۇشۇم يوق ئىدى.

ئون نەچچە ياشتا ئامېرىكىغا بېرىپ ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىمدا دائىم دىگۈدەك سەھەر سائەت ئىككى-ئۈچلەر بىلەنلا ئورنۇمدىن تۇرىۋېلىپ، خىلمۇ-خىل كىتاب ۋە ژۇرناللاردىن مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ يوللىرى ھەققىدە ئىزدىنەتتىم.

16 يېشىمدا خىزمەت تېپىپ ئىشلەشكە باشلىغاندىن تارتىپ تاكى 21 يېشىمغىچە بولغان 5 يىلدا مال ساتقۇچىلىق دىگەندەك 18 تۈرلۈك ئىشنى قىلىپ بېقىپتىمەن. 17 يېشىمدىن باشلاپ يۇشۇرۇن قابىلىيەتنى ئېچىش، نىشان بەلگىلەش، ۋاقىتنى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش، كىشىلىك مۇناسىۋەت ئىلمى، رەھبەرلىك ئىقتىدارى دىگەندەك دەرسلەرنى ئۆگىنىشكە باشلىدىم.

تۆت-بەش يىل ئۆگىنىش، شۇنداقلا خىلمۇ-خىل كەسپلەردە ئالمىشىپ ئىشلىگەندىن كېيىن 21 يېشىمدا بانكا ئامانەت كارتامدىكى پۇلنىڭ يەنىلا 0 تۇرغانلىقىنى بايقىدىم. شۇنداقلا تولىمۇ ئەجەپلەندىم - ئۆزەمنىڭ شۇنچە كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلىپ، شۇنچە كۆپ نەرسلەرنى تەتقىق قىلىپ، شۇنچە كۆپ دەرسلەرنى ئوقۇپ ئاخىرىدا يەنىلا مۇشۇنداق نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكىمنى زادىلا ئىدىيەمدىن ئۆتكۈزەلمىدىم.

دەل شۇ پەيتتە مېنىڭ ھاياتىمدا يېڭى بىر بۇرۇلۇش نوقتىسى پەيدا بولدى. مەن مېنىڭ تۇنجى ئۇستازىم ئانتونىي.روبىن (Anthony.Robin ) يازغان « چەكسىز يۇشۇرۇن قابىلىيتىڭىزنى ئۇرغىتىڭ » (ئېنگىلىزچە ئىسمى «Unlimited Power»، خەنزۇچە ئىسمى «激发无限的潜力» ) دىگەن كىتابىنى ئوقۇپ قالدىم.

بۇ كىتابنى ئوقۇغاندىن كېيىن، ۋۇجۇدۇم قاتتىق سىلكىندى. چۈنكى يازغۇچى تېخى ئەمدىلا 27 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ، ئەمما دۇنيا بويىچە 2- ئۇرۇندىكى ناتىق بولۇپ، بىر كۈنلۈك نۇتۇقىنىڭ باھاسى 40 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ئەتىراپىدا ئىكەن.

شۇ چاغدا ئەگەر مەنمۇ بىر كۈنلەردا ئاشۇنداق پۇل تاپالىغان بولسام نەقەدەر ياخشى ئىش بولغان بولاتتى-ھە؟! نېمە ئۈچۈن مەنمۇ شۇنداق قىلالمايمەن؟ دىگەن ئوي كاللامدا ئەكس ئېتىپ قالدى. كېيىنچە مەن ئانتونىي.روبىننىڭ دەرسىگە قاتناشتىم. بىر مەزگىل قاتناشقاندىن كېيىن مېنىڭ پۈتۈن تەپەككۈرۈم ۋە كىشىلىك دۇنيا قارىشىمدا غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى.

مەن ئەگەر مۇۋەپپەقىيەت قازىنىمەن دەيدىكەنمەن چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارغا ياردەم بەرگەچ ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىشىم كېرەك،دىگەن چۈشەنچىگە كەلدىم ھەمدە ئۆتۈلىدىغان دەرسلەرنى باشقىلارغا تونۇشتۇرۇش خىزمىتىنى ئىشلىدىم. شۇ بۇ ئىشنى قىلىشقا تىزىملاتقانلار 85 نەپەر ئىدى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن تاللانغىنى پەقەتلا مەن ئىدىم. شۇغىنىسى مەن بىر شەرقلىق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاران 21 ياش بولغاچقا، دائىم كۆڭلۈمدە :« ئەجەپ ئىش، شۇنچە كۆپ ئاقىل-پازىللار، دانىشمەنلەر، شۇنداقلا ياشتا مەندىن چوڭلار تۇرۇپ قۇبۇل قىلىنمىدا؟ » دەپ ئويلايتىم.

كېيىنچە مەن بۇ ئىشنى ئانتونىي. روبىن شىركىتىنىڭ كەسپىي ئىشلارغا مەسئۇل باش دېرىكتورىدىن :« نېمە ئۈچۈن ئەينى ۋاقىتتا پەقەت مىنىلا قۇبۇل قىلغان ئىدىڭ؟ » دەپ سورىغاندا، ئۇ:
__ چۈنكى قارىماققا سىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئىستىكىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە پەقەت سەنلا چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنى قارار قىلدىڭ، باشقىلار بولسا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا قىزىققانلار ئىدى، خالاس_دېدى.

شۇنىڭ بىلەن مەن مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ئەڭ موھىم سىرىنىڭ قەتئىي بەل باغلاش ئىكەنلىكىنى چۈشەندىم. بىر ئادەم بىر ئىشنى چوقۇم قىلىشقا بەل باغلىغاندىلا، ئاندىن شۇ كىشىنىڭ تۈپ مەنىدىكى يوشۇرۇن قابىلىيتى ئۇرغۇپ چىقىدىكەن.

يازغۇچىنى تونۇشتۇرۇش: چېن ئەنجى(陈安之) ھازىرقى زاماندىكى جۇڭگو بويىچە ئەڭ داڭدار مۇۋەپپەقىيەتشۇناس، NAC پىسخولوگى، ئاسىيا بويىچە داڭدار ناتىق بولۇپ، ساناقسىز كىشىلەرنى ئىلھاملاندۇرۇپ، بېقىنما _ بېكىنمە ھالەتنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئارزۇلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەرگەن.
تولۇق ئوقۇش

2008/05/13

blogger نى قانداق ئاچىمىز؟

بىز blogspot.com.**** ئاچقىنىمىزدا blogger نىڭ ئاسىيادا (جۇڭگودا) ئېچىلماسلىقى تۈپەيلىدىن شۇ بلوگنى ئېچىش تەسكە توختايدۇ، بۇنى ئېچىشنىڭ ئامالىمۇ يوق ئەمەس. يەنى سىز يوقىرىقى blogspot.com.**** تىكى com نىڭ كەينىگە بىر چېكىت قويىۋېتىپ. ئاندىن nyud.net نى قوشۇپ ئاچسىڭىز ئاچالايسىز. خوش، باش بەتنىغۇ ئاچتۇق، ئەمدى بىز بىر ماقالىنىڭ تولۇق تېكىستىنى كۆرمەكچى-تولۇق ئوقۇماقچى، ئۇنداقتا «تولۇق ئوقۇش» نى باسقىنىمىزدا يەنە ئېچىلمايدۇ. مەسىلەن «تولۇق ئوقۇش»نى باسقاندا مۇنداق چىقتى دەيلى: http://****.blogspot.com/2008/05/****.html ( بۇ يەردىكى * بەلگىلىرى بلوگ نامى بىلەن يازما ئىسمىنى كۆرسىتىدۇ)ئەمدى مۇشۇ يازمىنى تولۇق كۆرۈش ئۈچۈن يەنە com نىڭ كەينىگە بىر چېكىت قويىۋېتىپ. ئاندىن nyud.net نى قوشۇپ ئاچسىڭىز ئاچالايسىز. مەسىلەن: http://****.blogspot.com.nyud.net/2008/05/****.html
قېنى سىناپ بېقىڭ، سىزگە ئامەت تىلەيمەن.
تولۇق ئوقۇش

2008/04/13

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇ مېنىڭ دائىملىق بلوگۇم، مەسىلە بولسا ئەسكەرتىپ قويارسىز.... تولۇق ئوقۇش